jdk قاچىلاش ۋە Java مۇھىتى قۇرۇش

ۋاقتى: 2011-05-17 / تۈرى: پىروگىرامما تۈزۈش / كۆرۈلۈشى: / 0دانە باھا يوللانغان باھا

تورداشلارغا مەلۇم ،ھەر قانداق بىر پىروگىراممىنى مەلۇم بىر قۇرال ئارقىلىپ يېزىپ چىقىمىز ..vb پىروگىراممىسىنى Visual Basic بىلەن ،Delphi نى Delphi نىڭ يېزىش قۇراللىرىدىن Delphi نىڭ ھەر خىل نۇسخىدىكى قۇراللىرى بىلەن يازغىنىمىزدەك،Java نىمۇ مۇشۇنداق بىر قۇرال بولىقى بار .پەقەت مۇشۇ قۇرال بولىقىنى چۇشۇرۇپ كومپۇتېرىمىزغا قاچىلساقلا ھەر قانداق يېزىق تەھرىرلەش قۇرالىرىدىن پايدىلنىپ Java پىروگىرامىلىرنى يېزىپ نۇرمال ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ .java نىڭ توپلاشتۇرۇلغان ئېچىش مۇھىتىمۇ بار ،بۇنى چوڭ -چوڭ پىروگىراممىلارنى يازغاندا ئىشلەتسەك بولىدۇ .بۇ قۇراللارنىمۇ كېيىن تۇنۇشتۇرىمىز .. ھازىرقى دەسلەپكى ئۆگىنىش باسقۇچىمىزدا ،يەنە Java نىڭ ھەر قايسى ئاچقۇچلۇق سۆزلىرىگە پىشىق بوپ بولغۇچە يەنىلا يېزىق تەھرىرلەش قۇرالىرىنى ئىشىلتىشنى تەۋىسيىە قىلىمىز.
تۆۋەندە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنمىز Javaئېچىش بولىقى بولغان jdk نى قاچىلاش،ۋە ئۇنىڭ سېستىمدىكى مۇھىت مىقتارلىرنى بېكتىش .
ئالدى بىلەن بىز توردىن jdk نى چۈشۈرۋالىمىز ..
Java نىڭ باش تور بىتىگە كىرىپ jdk نىڭ يېڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرۋالىمىز ..
http://www.oracle.com/technetwor … dk6-jsp-136632.html توۋەندىكى تور بەتكە كىرىپ jdk1.6 نۇسخسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاشنى مىسال قىلىپ سۆزلەيمىز..
تور بەت ئادىرسىغا قاراپ oracle دىگەن گەپنى كۆرۈپ مۇشۇمۇ Java نىڭ باش تور بېتى دىيشىڭلار مۇمكىن ،راس ھازىرقى Java باش بېتى مۇشۇ شۇ ،ئىلگىركى Sun شىركىتىنى oracle شىركىتى سېتۋالغاندىن كېيىن مۇشىنىڭغا ئۆزگىرەپ قالدى ..خۇدا خالسا كېيىن پۇرسەت بولسا بۇ ھەقتىكى جەريانلارنىمۇ تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
jdk نى چۇشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قاچلاشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ .قاچلاش ئىنتايىن ئوڭاي ،ئادەتىكى دىتاللارنى قاچلغاندەك ،قاچىلاش ئورنىنى كۆرسىتىپ قۇيۇپ قاچىلساق بولىدۇ.
ئەمدىكى مۇھىم مەسىلە ئۇنىڭ ھەرخىل مىقتارلىرىنى بېكىتىش
我的电脑–属性–高级–环境变量 ئېچىپ يېڭى مىقتاردىن بىرنى قۇرىمىز (新建环境变量)
ئۆزگەرگۈچى مىقتار ئىسمى)变量名(:
JAVA_HOME
قىممىتى :بىز jdk نى قاچىلغان ئورۇننى كۆرسىتىپ بېرىمىز (مەن c دىسكىغا قاچىلدىم ئورنى :C:\Program Files\Java\jdk1.6.0_13) جەزىملەشتۈرىمىز .
ئۆزگەرگۈچى مىقتار ئىسمى 变量名
CLASSPATH
قىممىتى:
%JAVA_HOME%\lib\dt.jar;%JAVA_HOME%\lib\tools.jar;
ئوزگەرگۈچى مىقتار ئىسمى:
path
ئادەتتە سېستىمنىڭ ئوزىدە بولىدۇ ،ئەگەر بولمىسا بىرنى قۇرىمىز
قىممىتى :
.;%JAVA_HOME%\bin;
دىققەت : ئەگەر path ئۆزگەرگۈچى مىقتارى بار بولسا يۇقارقى جۇمىلىنى ئەڭ ئالدىغا قۇشىمىز ، ئالدىدىكى كىچىك چىكىتكە دىققەت قىلىڭ .
پۈتۈش ئىشلار تاماملانغاندىن كېيىن باشلاش تىزىملىكىدىن ئىجرا قىلىشنى ئېچىپ ئىچىگە cmd دەپ كىرگۈزۈپ بۇيرۇق ئىجرا قىلىش كۆزنىكىنى ئاچىمىز .javac دەپ كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلىڭ ،ئەگەر تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلار چىققان بولسا قاچلاش مۇھىت مىقتارلىرىنى بىكىتىش مۇۋاپقىيەتلىك بولدى دىگەن گەپ ئۇنداق بولمىسا ،باشتىن يەنە بىر كىلىڭ .
java
شۇنىڭ بىلەن Java مۇھىتىنى ھازىرلاش تامام دىگەن گەپ ..

تۇنجى كەلگىنىڭىز مىنىڭ تەلىيىم،ئىككىنجى قىتىم كەلمىگىنىڭىز مىنىڭ خاتالىقىم

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

Free Web Hosting