Java تىلى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
1.Java تىلىنىڭ بارلىققا كېلىشى
1995-يىلى SUNشېركىتى Javaتىلىنى ھۇقۇتقا چىقارغاندىن بېرى، پۈتكۈل دۇنيا بۇ سىرلىق پروگىرامما تىلىغا دىققەت نەزىرىنى تىكتى، ئۇنداقتا Java تىلىنى نىمە ئۈچۈن سىرلىق دەيمىز؟
Java تىلى ئەمەلىيەتتە 1991-يىلى بارلىققا كەلگەن بولۇپ ،دەسلەپكى ئىسمى« OAK تىلى» ئىدى، بۇبولسا SUN شېركىتى بىر قىسىم ئىستىمال خاراكتېردىكى ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتلار ئۈچۈن لاھىيلىگەن يۇمشاق دىتال موھىتى ئىدى. ئۇلارنىڭ دەسلەپكى مەقسىدى پەقەت مۇستەقىل سۇپىلىق يۇمشاق دىتاللارنى لاھىيلەش ئىدى، شۇنداقلا تور بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن OAK ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى ، ھەتتا ھالاك بولغىلى تاسلا قالدى. لىكىن تورنىڭ بارلىققا كېلىشى OAK نىڭ تەقدىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى.
Java بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن Internet يۈزىدىكى بارلىق ئۇچۇر مەزمۇنلار HTML تىلى بىلەن ئىپادىلىنەتتى . بۇكەڭ WEB زىيارەت قىلغۇچى تور ئابونتلىرىغا نۇر غۇنلىغان قۇلايسىزلىقلارنى ئىلىپ كەلدى، ئۇلار تور يۈزىدە ئۆز ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرالايدىغان ،توريۈزىدە قوللىنىشچان دىتاللارنى بىمالال ئىجرا قىلالايدىغان ،بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلالايدىغان بولۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ئابونتلارنىڭ بۇخىل ئىھتىياجلىرىغا ئەنئەنىۋى پروگىرامما تىللىرى تولىمۇ ئاجىزلىق قىلدى. SUN شېركىتىنىڭ ئىنژىنىرى Keenly بۇنوقتىنى تونۇپ يەتتى، 1994-يىلىدىن باشلاپ ئۇلار OAK تېخنىكىسىنى تور يۈزىدە قوللىنىشقا باشلىدى،شۇنداقلا HotJava نىڭ بىرىنجى نەشىرىنى ئېلان قىلدى.
1995-يىلى SUN شېركىتى Java نى رەسمى ئېلان قىلغاندىن كىيىن كۆپلىگەن WEB لاھىيلىگۈچىلىرى : بىز دەل مانا مۇشۇنىڭغا ئىھتىياجلىق ئىدۇق ،دىدى. شۇنىڭ بىلەن Java بىردىنلا پروگىرامما تىلى ئىچىدىكى يۇرۇق يۇلتۇزغا ئايلاندى.
2.Java تىلىنىڭ ئېنىقلىمىسى
Java بىرخىل ئىشلىتىش ئاسان ،ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن، تارقىلىشچان، چۈشۈنىشلىك، بىخەتەر،قۇرۇلمىلىق،ئىختىدارى كۈچلۈك،كۆپ يونىلىشلىك تىل.
Java ئىجرا بولۇش موھىتىنىڭ بىرنەچچە خىل نەشىرى بار.مەسىلەن: SUN شېركىتىنىڭ Java Developers Kit ،قىسقارتىلىپ JDK دىيىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن Micro Soft
شېركىتى ++ Microsoft Visual J نى ئېلان قىلىدى،قىسقارتىلىپ ++VJ دەپ ئاتالدى.
3.Java تىلىنىڭ ئالاھىدىلىگى
(1) سۇپا بىلەن مۇناسىۋەتسىزلىكى
سۇپا بىلەن مۇناسىۋەتسىزلىكى Java ئىجرا بولۇش موھىتىىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. Java مەۋھۇم قوزغاتقۇچنىڭ پىرىنسىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەۋھۇم قوزغاتقۇچتا ئىجرا بولىدۇ. Java تىلىدا يېزىلغانپروگىرامىلىرىنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق تېرىدە ئورتاق ئىشلىتىشكە بولىدۇ، Java نىڭ سانلىق مەلۇمات تىپى ماشىنا بىلەن مۇناسىۋەتسىز، Java مەۋھۇم قوزغاتغۇچىسى قاتتىق دىتال ۋە مەشغۇلات سېستىمىسى ئۇستىگە قۇرۇلىدۇ،Java نىڭ ئىككىلىك سانلار سېستىمىسى بويىچە ئىجرا بولۇش ئىقتىدارىنى ، ئوخشاش بولمىغان ئېغىز بىلەن تەمىنلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇدۇ.
(2)بىخەتەرلىكى
Java دا پروگىلامما تۈزۈش ++C ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ++C ئۈگىنىپ بولغان ئوقۇر مىنىمىز Java نىڭ قۇرۇلمىسىنى ئاساسەن چۈشىنىپ كېتەلەيدۇ، Java پروگىراممىغا نىسبەتەن بىخەتەرلىك باشقۇرغۇچىنى تەمىنلەپ بەرگەن، پروگىراممىنىڭ قانۇنسىز زىيارەت قىلىنىشىنى چەكلەيدۇ.
(3)ئوبىكىتقا يۈزلىنىشى
Java تىلى ++C تىلىنىڭ ئوبىكىتقا يۈزلىنىش خاراكتىرىدىن ئۈلگە ئالغان ،،،ئوبىكىتقا يۈزلىنىش (面向对象) توغرىلىق ئوقۇرمەنلەر توردىن ئىزدەپ كۆرسە بولىدۇ.
(4)تارقىلىشچانلىقى
Java كېڭەيتىلگەن TCP/IP تورسۇپىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئىچكى فۇنكىسىيىسى HTTP ۋە FTP كېلىشىمى ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاش ۋە قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىگەن.
قىسمەت مۇنبىرىدىن : ئوتيۈرەك يازمىسى
ئالدىنقى يازما: ۋارىن بوفىت(Warren Buffett)نى تۇنۇمسىز ؟
كىيىنكى يازما: ئېينىشتىينننىڭ مۇۋاپىقىيەت قازنىشىدىكى 10 چوڭ مەخپىيەت
كىيىنكى يازما: ئېينىشتىينننىڭ مۇۋاپىقىيەت قازنىشىدىكى 10 چوڭ مەخپىيەت