كومپيۇتېرغا ئاساس سالغۇچى كىم ؟

ۋاقتى: 2011-05-14 / تۈرى: دۇنيادىكى داڭلىق كىشىلەر / كۆرۈلۈشى: / 0دانە باھا يوللانغان باھا

چارلېس

چارلىس باكورچ 1791- يىلى ئەنگىلىيىدە تۇغۇلغان.ئۇ تۇغما ئەقىللىق بولۇپ ،24 يېشىدىلا كامبرىج ئونۋېرسىتىتىنىڭ پروفىسسورى بولغان.ئۇ ماتىماتىكىدىكى قىيىن مەسلىلەرنى يېشىش جەريانىدا ماتىماتىكىلىق ھىسابلاشنىڭ ئادەمنى ئىنتايىن چارچىتىۋېتىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان،شۇڭا بىر خىل ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ھىسابلاش ئەسۋابىنى ئىجاد قىلىش ئارزۇسىدا بولۇپ كەلگەن .
ئەينى چاغدا فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بەزى ماتىماتىكا جەدىۋەللىرىنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈۋاتقاچقا،زور مىقداردىكى سانلارنى ھىسابلاش زۆرۆر بولۇۋاتاتتى . شۇنىڭ بىلەن، ماتىماتىكلار مۇرەككەپ ھىسابلاش جەريانلىرىنى بىر قاتار ئاددى ھىسابلاش ئۇسوللىرىغا بۆلۈپ،ماتىماتىكىنى ئانچە چۈشەنمەيدىغان 100دىن ئارتۇق ئايالنى ئەكىلىپ ئالدىن بەلگىلەپ قويغان تەرتىپ بويىچە ئايرىم – ئايرىم ھىسابلاتقان،ئاندىن نەتىجىنى بىر – بىرلەپ يىغىنچاقلاش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىگە ئېرىشكەن.
باكورچ بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ،يېڭى ھىسابلاش ئەسۋابى بەك مۇرەككەپ بولمىسىمۇ، ئاددى ئىقتىدارغا ئىگە بولسىلا بولدى، ئۇنىڭ بىلەن ئالدىن تۈزۈلگەن تەرتىپ بويىچە قەدەممۇ – قەدەم ھىسابلاش ئېلىپ بارغاندا،مۇرەككەپ ھىسابلاش مەشغۇلاتىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ،دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان.ھازىرقى زاماندىكى كومپىيوتېر مۇشۇ نەزەرىيىگە ئاساسەن لايھىلەنگەن ۋە ياسالغان .
باكورچ يەنە سانلىق مەلۇماتلارنى كارتىغا خاتىرلەشنى ،يەنى كارتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا تۆشۈك ئېچىپ،شۇ ئارقىلىق ئوخشاشمىغان رەقەملەرنى ئىپادىلەشنى ئويلاپ چىققان. ھازىرقى زامان كومپىيوتېرلىرىدا ماگىنىتلىق دېسكا ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى،كارتىغا تۆشۈك ئېچىش ئۇسولى بىلەن سانلىق مەلۇماتلار كىرگۈزۈلەتتى ۋە چىقىرىپ بېرىلەتتى.
باكورچ كومپىيوتېرنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا ئىنتايىنچوڭ تۆھپە قوشقاچقا،كىشىلەر ئۇنى: « كومپىيوتېرنىڭ ئاساسچىسى » دەپ ئاتىغان.

تۇنجى كەلگىنىڭىز مىنىڭ تەلىيىم،ئىككىنجى قىتىم كەلمىگىنىڭىز مىنىڭ خاتالىقىم

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

Free Web Hosting