java تىلىنىڭ ئىجاد قىلغۇچىسى
80-يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە،جامۇس.گوسلىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغاندىن كىيىن،IBMگە كىرىپ خىزمەت قىلىپ، IBMنىڭ تۇنجى ئەۋلاد خىزمەت پونكىتىنى لاھىيلەپ چىقىدۇ.ئەينى ۋاقىتتا IBMنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى خىزمەت پونكىتى تۈرىگە ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ.ئۈمىدسىزلەنگەندىن كىيىن،جامۇس.گوسلىڭ Sunشىركىتىگە كىرىدۇ.ئۇ جاپالىق ھالدا 5يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ،رەھبەرلىك قىلىپ تەتقىق قىلىپ چىققان OS2گە ناھايىتى ئوخشايدىغان Sun NeWsكۆزنەك سىستىمىسى كەسپى ساھەدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن بولسىمۇ،ئومۇملاشقان مەھسۇلاتقا ئايلىنالمايدۇ.ئەينى ۋاقىتتا ئۇ يەنە تۇنجى بولۇپ Cتىلى ئارقىلىق EMACSنىڭ نىمە كۆرسە شۇنىڭغا ئىرىشىش تىپىدىكى تىكىست تەھىرىلىگۈچىسى COSMACSنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
بۈگۈنكى رىقابەت كەسكىن بولىۋاتقان يۇمشاق دىتال تەتقىق قىلىش ئچىش دەۋىرىدە،پىروگىرامما لاھىيلىگۈچى ئۇدا كەلگۈسى يۇمشاق دىتال ياكى تىخنىكا تەرەققىيات يۆنىلىشنى ئالدىن پەرەز قىلىشىدۇ.1990-يىلى،SUNشىركىتى بىر يۇمشاق دىتال لاھىيلەش گوروپپىسنى قۇرىدۇ.بۇ گوروپپا ئىچىدە جامۇس.گوسلىڭدىن باشقا يەنە پاتىرىك.ناۋتون ( Patrick Naughton) ۋە مايىك.شىردەن ( Mike Sheridan) قاتارلىق كىشلەر بارئىدى.ئۇلار ھەمكارلاشقان تۈر «يىشىل پىلان» دەپ ئاتالدى.ئۇلار كومپىيۇتىر تىخنىكا تەرەققىياتنىڭ بىر يۆنىلىشى رەقەملىك ئائىلە ئۈسكۈنلىرى ئوتتۇرىسدا ئالاقە ئىلىپ بىرىش دەپ قارىدى.جامۇس.گوسلىڭ ئۈسكۈنە ۋە ئىشلەتكۈچى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئۈچۈن بىر خىل تور ئارقىلىق ئۆز-ئارا ئالاقىلشىش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان تىلنى تەتقىق قىلىشقا مەسئۇل بولدى.كۆپ مىقداردىكى ۋاقىت ۋە پۇلنىڭ «يىشىل پىلان» سىلىنشغا ئەگىشىپ،ئۇلار بىرخىل پىروگىرامما تۈزەش تىلىنى بەرىپا قىلدى.بۇ خىل تىل دەسلپىدە « Oak» دەپ ئاتالدى.
بۇ ئىسىم جامۇس.گوسلىڭ ئىسىم قويۇشنى ئويلاۋاتقاندا دىرىزە سىرتىدىكى بىر تۈپ كاۋچۇك دەرىخنى كۆرگەنلىكىدىن قويۇلغانىدى.ئەمما كىيىن « Java» غا ئۆزگەرتىلدى،ھەمدە 1992-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ،Sunخىزمەت پونكىتنىڭ يىراقتىن كونتىروللىغۇچىسى قىلىپ ئىشلىتىلدى.
1994-يىلىنىڭ ئاخىرى،جامۇس.گوسلىڭ كىرىمىنىي جىلغىسدا ئىچىلغان «تىخنىكا،مائارىپ ۋە لاھىيلەش چوڭ يىغىنى»غا قاتنىشىدۇ.ئۇ سىناپ بىقىش ھىسياتى بىلەن كۆپچىلىككە Javaنىڭ ئىقتىدارىنى كۆرىستىدۇ.ئۇنىڭ توربەت ئۈستىدىكى تىنىچ تۇرغان بىر تارماق قۇرۇلما رەسمىنى چىكىشى بىلەن بىر تال بۇيرۇق ئىنتىرنىت تورى ئارقىلىق نەچچە يۈز ئىنگىلىز مىل يىراقلىقتىكى تور پونكىتىغا يىتىپ بىرىپ،بىر بۆلەك كىچىك پىروگىراممىنى چۈشۈرۈپ،نەخ مەيداندىكى خىزمەت پونكىتىدا ئىجىرا بولۇشقا باشلايدۇ.بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن،ئەسلىدىكى تىنىچ تۇرغان توربەت ئۈستىدە بىرتارماق رەسىم 3 ئۆلچەملىك سۈرەت شەكىلىدە ئايلىنشقا باشلايدۇ.
«ۋاھ!» جامۇس.گوسلىڭ سوروندىكى پۈتۈن تاماشبىنلارنىڭ ماختاش ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ.
ئۇزاق ئۆتمەي،كىرىمىنىي جىلغىسدىكى ئەڭ چوڭ گىزىت:«» باش بەتكە بىر مەخسۇس ماقالىنى ئىلان قىلىدۇ:«نىمىشقا SUNبىرئىستىكان ئسسىق قەھۋە سىزنىڭ روھىڭىزنى ئويغۇتىدۇ-دەپ قارايدۇ؟». مۇشۇ ماقالە گىزىتكە بىسىلغاندىن تارتىپ،Javaبازىرغا مەسئۇل خادىمنىڭ تىلىفۇنىنىڭ ئاۋازى توختىماي جىرىڭشىشقا باشلايدۇ.ئۇزاق ئۆتمەي ئامىرىكىدىكى ئاساسلىق گىزىت-ژورناللارنىڭ ھەممىسدە Javaنىڭ خەۋىرى بىسلىدۇ.
Javaنىڭ نامى چىقىتى!
2000-يىلغا كەلگەندە، Javaئاللابۇرۇن دۇنيادىكى ئەڭ مودا بولغان كومپىيۇتىر پىروگىرامما تۈزەش تىلىغا ئايلىنىدۇ.يىشىل كىچىك گوروپپىنىڭ ئەڭ دەسلەپ Javaنى لاھىيلەشتىكى مەقسىدى بولسا رەقەملىك ئائىلىگە يۈزلەنگەن،ھەرخىل ئائىلە-ئىلىكتىر ئەسۋاپلىرىنى قوللايدىغان پىروگىرامما تۈزۈش تىلى لاھىيىلەش ئىدى.ئەمما ئۇلار Javaقوللايدىغان ھىساپلاش شەكىلىنىڭ ئەمىليەتتە ئىنتىرنىت تورىنىڭ ھىساپلاش شەكىلى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
Javaتىلىنىڭ زور مۇۋاپىقيىتىگە نىسبەتەن ھىچكىم جامۇس.گوسلىڭدەك كەمتەر ئەمەس:«مەن ئەزەلدىن Javaتىخنىكىسنىڭ بۇنچىۋالا ئەۋج ئالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.خوجايىنىم مەندىن ئۇنىڭ قانچە قىتىم چۈشۈرۋىلىنغانلىقىنى سورىغاندا مەن 10000قىتىم دىدىم.ئۇنىڭ قارىشىچە مەن بەكرەك خۇشال بولۇشۇم كېرەك ئىكەن.»
جامۇس.گوسلىڭ ھازىر Sunشىركىتنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى ۋە ھەمكارلاشقۇچىسى.
كىيىنكى يازما: ياغاچ ئات دىگەن نىمە ؟