Java دىكى تۇنجى پىروگىرامما( Salam Dunya)

ۋاقتى: 2011-05-18 / تۈرى: پىروگىرامما تۈزۈش / كۆرۈلۈشى: / 0دانە باھا يوللانغان باھا

ئەسسلاممۇ -ئەلەيكۇم تورداشلار .. ئالدىنقى قېتىملىق تىمىمىزدا بىز jdk نى قاچىلاش ھەم ئۇنىڭ مۇھىت مىقتارلىرىنى بىكىتىشنى سۆزلەپ ئۆتكەن ..Java مۇھىتىنى ھازىرلاپ بولغاندىن كېيىن بىز Java  پىروگىراممسىنى ئۆگىنىشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ ..
تۆۋەندە بىز Java نىڭ دۇنياغا مەشھۇر تۇنجى پىروگىراممسى يەنى Hello world پىروگىراممسى بىلەن تۇنىشىپ چىقىمىز .(بۇ يەردە دۇنياغا مەشھۇر دىيشىمدىكى مەقسەت ،ھەر قانداق بىر تىلنى مەيلى vb بولسۇن،مەيلىDelphi بولسۇن مەيلى c ياكى c++ ۋە ياكى باشقا تىللار بولسۇن تۇنجى تۇنجى يازدىغان پىروگىرامىمىز Hello world پىروگىرامىسىنى چىقىرىش ..بىزمۇ شۇ كونلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ پىروگىرامما يېزىشنى Hello world دىن باشلايمىز ..)
بىز ئالدىن بىلەن خاتىرە دەپتەرنى (ياكى باشقا ساپ يېزىق تەھرىرلەش قۇرالىنى ،بۇ يەردە مەن Notepad++ دىگەن بىر دىتالنى تەۋىسىيە قىلىمەن) ئېچىپ ئىچىگە تۆۋەندىكىدەك پىروگىرامىنى يازىمىز ..
public class SalamDunya>
{
public static void main(String [] args)
{
System.out.println("Salam Dunya ,Java Donyasigha kelginigizni Qarshi alimiz!");
}
}

يۇقارقى پىروگىراممىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن بىز ئۇنى مەلۇم بىر دىسكىغا ساقلىۋالىمىز . مەن ئۇنى E:\java دىگەن مۇندەرىجىگە ساقلىدىم .
ئەمدى باشلاش تىزىملىكدىن ئىجرا قىلىش كۆزنىكىنى ئېچىپ cmd دەپ بۇيرۇق بېرىپ بۇيرۇق بېرىش ھالىتىگە ئۆتىمىز .
بىز پىروگىراممىنى ساقلىۋالغان مۇندەرىجىگە ئۆتۈپ javac Salam Dunya.java دەپ بىز يازغان پىروگىراممنى بىر قېتىم 编译 قىلىمىز ..ئەگەر يازغان پىروگىراممىدا خاتالىق بولمىسا ھىچقانداق خاتالىق ئۇچۇرى چىقماي يەنە بۇيرۇق بىرش ھالىتىگە ئۆتىدۇ ..ئەگەر خاتالىق بولسا خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ..ھىچقانداق خاتالىق ئۇچۇرى چىقمىغاندىن كېيىن بىز java Salam Dunya  دەپ بېسىپ پىروگىراممىنى ئىجرا قىلساق بولىدۇ .كۆرگىنىڭىزدەك بىز بايا چىقارماقچى بولغان Salam Dunya ,Java Donyasigha kelginigizni Qarshi alimiz! دىگەن خەت قارا ئېكراندا پەيدا بولىدۇ ..بىزنىڭ تۇنجى پىروگىرامىمىز مۇشۇنداق قىلىپ ئوڭۇشلۇق تاماملاندى دىگەن گەپ .
سالام دۇنيا
تۆۋەندە مەن بۇ كودلاغا قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتەي.

public class SalamDunya

ھەر قانداق بىر Java پىروگىرامىسىدا 类 بولىدۇ . بىزنىڭ يۇقارقى پىروگىرامىمىز دەل SalamDunya ئىسىملىك 类 دىن بىرنى قۇرۇيدۇ ..

public static void main(String [] args)

مانا بۇ پۇتۇن پىروگىرامىنىڭ ئاساسى فونكىسىيسى پىروگىرامما مۇشۇ بۆلەكتىن كىرىپ ئىجرا بولىدۇ .(ھازىرچە مۇشىنچىلىك چۈشىنىپ تۇرساڭلا كىينىچە مۇناسۋاتلىك مەزمۇندا تەپسىلى توختىلىمىز)

System.out.println("Salam Dunya ,Java Donyasigha kelginigizni Qarshi alimiz!");

System.out.println(" ");

بۇ چىقىرش بۇيرۇقى (“”) نىڭ ئىچىگە يېزىلدىغىنى بېسىپ چىقىردىغان مەزمۇن .
دىققەت : Java تىلى چوڭ يېزىلغان خەتلەر بىلەن كىچىك يېزىلغان خەتلەرنى ئايرىم ئىككى خىل نەرسە دەپ تۇنۇيدىغان بولغاچقا ھەرىپلەرنىڭ چوڭ كىچىك يېزىلىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىلە ..

 

تۇنجى كەلگىنىڭىز مىنىڭ تەلىيىم،ئىككىنجى قىتىم كەلمىگىنىڭىز مىنىڭ خاتالىقىم

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

Free Web Hosting