ياغاچ ئات دىگەن نىمە ؟
تور بەتنىڭ يوچۇقى دىگەن نىمە؟
ياخشىمۇسىز ؟
تور بەتنىڭ يوچۇقى دىگىنىمىز-قانداق ئامال ئىشلىتىپ شۇ بەتنىڭ ئىچىدىكى ئۇچۇرنى ئۆزگەرتكىلى بولسا شۇ ئۇسۇلنى قوللىنىش ئېغىزى يوچۇق دەپ ئاتىلىدۇ .
بۇ يوچۇق مەلۇم ئىشىك ، ياكى كىرىش ئېغىزى بولماستىن ئومۇمىي ئاتالغۇ ،تۆۋەندە مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز
1. مەسىلەن مەلۇم تور بەتكە رەسىم يوللىغىلى بولىدۇ دەيلى ، سىز ئەگەر asp ھۆججىتىنى رەسىم ئورنىدا يوللاپ كىرگۈزەلىسىڭىز سىز ھازىر يوللىغان ھۆججەت ئارقىلىق شۇ بىكەتتىكى بارلىق ماتىرياللارنى ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارالايسىز ، ھەم بۇزالايسىز ، دىمەك بۇ رەسىم يوللاش پىرگىراممىسىنىڭ چەكلەش ئاجىزلىقى بىكەتنىڭ يوچۇقى بولىدۇ .
2. SQL بويرۇقى ئارقىلىق بىكەتنىڭ شىفىرىنى تېپىش ، مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە ئادرىسنىڭ ئاخىرىدا مۇناسىۋەتلىك پارامېتىرلار ئۇلىنىپ كەلگەن بولىدۇ ، بۇ پارامېتىر بەتكە كىرگەندىن كېيىن بويرۇققا قوشۇلۇپ سانداندىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى ئوقۇشقا ئىشلىتىلىدۇ ، شۇ پارامېتىرنىڭ ئاخىرىغا ماس ھالدا SQL بويرۇقى يېزىش ئارقىلىق (بۇنىڭغا ئايرىم بىلىم كېتىدۇ) بىكەتتىكى چەكلەنگەن ئۇچۇرلارنى ئوقۇغىلى بولىدۇ ، لېكىن ھەممە بىكەتنىڭ ئۇنداق بولىۋەرمەيدۇ دە ، بۇنىڭغا مۇۋاپىق چەكلىمە ئۇسۇل قوللىنىلغان بولىدۇ ، ئەگەر پىرگىرامما ئاددىيى بولۇپ چەكلىمە ئۇسۇل قوللىنىلمىغان بولسا بىكەتنىڭ شىفىرىنى باشقىلارنىڭ ئوغۇرلاپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ ، مانا بۇ بىكەتنىڭ يوچۇقى بولىدۇ .
3. كۆپىنچە بىكەتلەرنىڭ باشقۇرۇش ئېغىزى بولىدۇ ، ھازىر نۇرغۇنلىغان دېتاللار بار بولۇپ شىفىرنى پەرەز قىلىپ نەچچە مىڭ قېتىم ئىسىم ۋە شىفىرنى سېلىپ ئاپتۇماتىك شىفىر ئېنىقلايدۇ ، بۇ ئۇسۇل بىلەن شىفىر تېپىلىپ قېلىشىمۇ تېپىلماسلىقىمۇ مۇمكىن ، تېپىلىپ قالسىلا بىكەتتىن چاتاق چىقىدۇ ، بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك ، كىرىش ئېغىزىغا سىناق نۇمۇر ئورنىتىش ئارقىلىق بۇ يوچۇقنى يوقاتقىلى بولىدۇ ، ھېلىقى دېتال بىلەن شىفىر ئىزدىگەندە ھەربىر قېتىم سىناق نۇمۇر كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنىدىغان بولغاچقا يوللىغان زامان سىناق نۇمۇر خاتا دەپ تۇرۇۋېلىپ مۇۋاپىقىيەتسىز بولىدۇ ، ئۇ دېتال ئارقىلىق سىناق نۇمۇرنى تاپقىلى ۋە كىرگۈزگىلى بولمايدۇ ، پەقەت ئادەم ئارقىلىقلا سىناق نۇمۇر كىرگۈزۈشكە بولىدۇ ، چۇنكى سىناق نۇمۇر شەكىللەنگەن زامان رەسىم ھالىتىگە ئۆزگىرىپ ئاندىن كۆرۈنىدۇ ، ئەگەر بىكىتىڭىزدە سىناق نۇمۇر كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنمايدىغان بولسا بۇمۇ بىكىتىڭىزنىڭ يوچۇقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ، يەنە بەزى بىكەتلەردە شىفىرنى 3 قېتىم خاتا كىرگۈزسە شۇ ئىسىم تاقىلىپ قالىدۇ ، بۇ مۇ بىرخىل شىفىرنى قوغداشنىڭ ياخشى ئامالى .