كومپيۇتېر سەركىسى تۈرگۈن ئىبراھىم

ۋاقتى: 2011-05-13 / تۈرى: ئۇيغۇر كومپيۇتېرى / كۆرۈلۈشى: / 1دانە باھا يوللانغان باھا

تۈرگۈن ئبىراھىم ،1958-يىلى8-ئايدا بيجڭدا تۇغۇلغان.پىرافىسور،دوكتۇر يىتەكچىسى.1983يىلى شنجاڭ ئۇنۋىرسىتى ماتىماتىكا فاكۇلتىتى ماتىماتىكا كەسپىنى پۇتتۇرگەن.1987يىلدىن1988يىلغىچە شاڭخەي قاتناش ئۇنۋىرسىتىدا بىلىم ئاشۇرغان.1991- يىلدىن1992-يىلغىچە پىتىربۇرگ ئىلكتىرون تىخنىكسى ئۇنۋىرسىتىدا بىلىم ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بارغان.1988-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى تەرىپىدىن ئەلا نەتىجە بىلەن دۆلەتكە قايىتقان .ئوقوغۇچى بولۇپ باھالانغان. شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتى ماتىماتىكا فاكۇلتىتى كومپىيوتىر يۇمشاق دىتال كافىدىراسنڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ،كومپىيوتىر ئىلمى فاكۇلتىتىنىڭ مۇئاۋىن فاكۇلتىت مۇدىرى ھەمدە ئىلمي تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولغان.ھازىر شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتى ھىساپلاش مەركىزىنىڭ دائىمى ئشلار مۇئاۋىن مۇدىرى ھەمدە ئۇچۇر پەن- تىخنىكىسى ئىلمي ئىنىستىتونىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (باشقارما دەرجىلىك (مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەر كوپىيوتىر ئوقۇتىش يىتەكچى ھەيىتىنىڭ ئىجتىمايى پەن كەسپى ھەيئەت ئەزاسى.مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر كومپىيوتىر ئاساسي ئوقۇتۇش تەتقىقات يىغىنىڭ كىڭەش ئەزاسى ، شىنجاڭ كومپىيوتىر مائارىپ تەتقىقات يىغىننڭ دائىمي ئىشلار كىڭەش ئەزاسى ،خەنزۇچە ئۇچۇر ۋە ئۇچۇر ئىلمي جەمىيىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر كەسپى ھەيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى.جۇڭگو خەنزۇچە ئۇچۇر ۋە ئۇچۇر ئىلمي جەمىيىتىنىڭ كىڭەش ئەزاسى)،(<<خەنزۇچە ئۇچۇر ئىلمي>> ژۇرنىلىنىڭ تۇزۇش ھەيىتى،ئۇرۇمچى شەھەرلىك 9،10-قىتىملىق سىياسى مەسلەھەت كىڭەش ئەزاسى. شىنجاڭ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 9–قىتىملىق سىياسى مەسلەھەت كىڭەش ئەزاسى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 10-قىتىملىق سىياسى مەسلەھەت كىڭىشىنىڭ دائىمي ھەيئەت ئەزاسى بولغان.ئاساسلىق كۆپ خىل ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دىتال قۇرلىشى ،كومپىيوتىر ئامىۋيى ئوقۇتۇش ئىشلىرى تەرەپلەردىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇلىنىدۇ.
80-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ئۇزلۇكسىز ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇچۇر-يىزىق بىر تەرەپ قىلىش تىخىكىسى ۋەكومپىيوتىر ئاساسىي مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلدى.ئۇدا ئۇچ تۇرلۇك دۆلەت پەن-تىخنىكا پىلانى<<863 تىمىسى>>غا قاتناشقان ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ كۆپلىگەن پەن-تىجنىكا ئۆتكۇلۇگە ھۇجۇم قىلىش تۇرلىرىگە قاتناشقان .ئىلگىرى پەن -تىخنىكا مىنىستىرلىكى ئاساسي تەتقىقاتىنىڭ دەسلەپكى ئالاھىدە تەتقىقات تۇرىدىن بىر،دۆلەت تەبئى پەن مەبلەغ تۇرىدىن بىر،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پەن-تىخنىكا ئۆتكۇلۇگە ھۇجۇم قىلىش تۇرىدىن بىرگە رىياسەتچىلىك قىلغان.نۆۋەتتە دۆلەت تەبئى پەن مەبلەغ تۇرىدىن بىر،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پەن-تىخنىكا ئۆتكۇللۇگە ھۇجۇم قىلىش تۇرىدىن بىرگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ.

تۈرگۈن مۇئەللىم

(مۇناسىۋەتلىك رەسىمدىم پەقەت مۇشۇ بىرسىنىلا تاپالىدىم .. )

ئاساسلىق نەتىجىلىرىدىن <<ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئاۋاز،رەسىم،يىزىق بىرلەشتۇرىلگەن ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش سېتىمىسى>>.<<ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئاۋاز،رەسىم،يىزىق بىرلەشتۇرىلگەن ئۇچۇر باشقۇرۇش مۇھىتى بىلەن قولىنىشچان سېستىمىسىى >>نى بارلىققا كەلتۇرگەن .بۇ تىمىلار 1998-يىلى 8-ئايدا مەملىكەتلىك 11-قىتىملىق كەشپىيات پاتنىت كۆرگەزمە يىغىنىدا <<كەشپىيات پاتنىت كۇمۇش مىدالى>>،<<ئاپتۇنۇم رايۇن بويۇنچە ئىلغار پەن-تىخنىكا نەتىجسى ئالتۇن لوڭقىسى>>،مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن .1999-يىل ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە پەن-تىخنىكا ئىلگىرى سۇرۇش 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.2001-يىلى مەملىكەت بويىچە پەن-تىخنىكا ئىلگىرى سۇرۇش 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.2008يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە پەن-تىخنىكا ئىلگىرى سۇرۇش 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.كۆپ يىللىق ئوقو-ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتى جەريانىدا مىللىي تىل-يىزىقنىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشتىكى كۆپ ئۆتكەلىك تىېخنىكىدىكى قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۇپ ئۆتۇپ ھازىرغا قەدەر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا 40پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئىلان قىلغان.ئەنگە ئىلىنغان يۇمشاق دىتال ئاپتۇرلۇق ھوقوقىدىن 9 دانە بار.ئۇچ يۇرۇش خەنزۇچە يىزىقتىكى كومپىيوتىر ئاساسىي ئوقو-ئوقوتۇش ماتىريالىنى تۇزۇشكە قاتناشقان.بەش يۇرۇش ئۇيغۇر يىزىقتىكى كومپىيوتىر ئاساسىي ئوقو-ئوقۇتىش ماتىريالىنى تۇزۇشكە قاتناشقان ھەم تۇزۇپ چىقىشقا رەھپەرلىك قىلغان.چىگىرا رايۇنلارنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا زور مۇۋاپىقىيەتلەرنى قوشقان.يېقىنقى بەش يىلدا ئىرىشكەن مۇكاپاتلىرىدىن كۆپ تىللىق-كۆپ ۋاستە تىخنىكىسىدىكى ئلىكتىرونلۇق لوغەت سىستىمىسى ۋە بلىقۇت ئىنگىلىزچە،خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىلىكتىرونلۇق لوغىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بويىنچە پەن-تىخنىكىنى ئىلگىرى سۇرۇش 2-دەرىجىلىك قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن.
يۇقارقىلار تۈرگۈن مۇئەللىمنىڭ كومپىيوتىر ساھاسىدە ئىرىشكەن نەتىجىلىرنىڭ ئاز بىر قىسمى .تۈرگۈن مۇئەللىم پەن-تەتقىقات جەھەتتە يۇقارقىدەك نەتىجىلەرگە ئىرىشىپلا قالماي ئوقۇتۇش جەھەتتە ئۇستاز.

مەنبەسى ،ئىنال تور بىكتى .

بىرەيلەن باھا يازغاندەك قىلىدۇ

  1. Alpha
    2011/05/14 16:09:03

    مەكتەپنىڭ تورىدىن بىۋاستە ئولانما قىلىنغان سۇرئەتتى .. قارغاندا ئازىراق مەسىلە كۆرۈلگەن ئوخشايدۇ ..

تۇنجى كەلگىنىڭىز مىنىڭ تەلىيىم،ئىككىنجى قىتىم كەلمىگىنىڭىز مىنىڭ خاتالىقىم

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

Free Web Hosting