ۋاقىت بەلگىلەپ كومپيۇتېر ئۆچۈرۈش

ۋاقتى: 2011-05-12 / تۈرى: ئۇنىۋېرسال / كۆرۈلۈشى: / 0دانە باھا يوللانغان باھا
كومپيۇتېر

كومپيۇتېر

نۇرغۇن تورداشلار كومپيۇتېرنى ۋاقىت بەلگىلەپ ئۆچۇرۇشنى مەخسۇس دىتاللارنى ئىشىلتىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ .ئەمليەتتە windows xp دا (windows2000مۇ بۇلىدۇ.) بۇ خىل ۋاقىت بەلگىلەپ كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈش ئىختىدارى تەمىنلەنگەن.تۆۋەندە بىزXP windows دا بۇخىل ئىختىدارنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇردىغاننى كۆرۈپ باقايلى ..
Windows XP نى ئۆچۈرۈش ئەمىليەتتە Windows\System32گە جايلاشقان shutdown.exe ھۆججتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ .ئەگەر Windows 2000 دىمۇ بۇ خىل ئىختىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولسىڭىز shutdown.exe ھۆججىتىنى windows2000 نىڭ سېستىما ھۆججەتلىرى قاتارىغا قوشۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ .
مەسلەن سىز 12:00 دە كومپيۇتېرنى ئۆچۈرمەكچى،ئۇنداقتا سىز باشلاش—ئىجرا تىزىملىكدىن (开始—运行) cmd نى ئېچىپ at 12:00 Shutdown –sبۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلىڭ. شۇنىڭ بىلەن ۋاقىت 12:00 بارغاندا كومپيۇتېردا “كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈش ” دىئالوگ رامكىسى پەيدا بولىدۇ.ئادەتتە 30سىكونىت ئىچىدە ۋاقىت توشىدۇ ھەم قىلۋاتقان بارلىق ئىشلارنى ساقلاڭ دەپ ئەسكەرتىش چىقىدۇ ،30سىكونىت ۋاقىت توشىشى بىلەن كومپيۇتېر ئاپتۇماتىك تاقىلىدۇ .
يەنە بىر خىل ۋاقىت بەلگىلەپ ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى: ئەگەر سىز بىر سائەتتىن كېيىن كومپيۇتېرنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز يەنە شۇ بۇيرۇق كۆزنىكىگە 3600 Shutdown.exe -s –t بۇيرۇقنى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ .بۇ يەردە 3600 بولسا 60 مىنۇتقا ۋەكىلىك قىلىدۇ .(سىكونتنى بىرلىك قىلىدۇ .)
ئەگەر ۋاقىت بەلگىلەپ كومپيۇتېر ئۆچۈرۈش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولسىڭىز-a Shutdown.exe نى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلسىڭىزلا بولىدۇ.ئۇنىڭىدىن باشقا shutdown –I بۇيرۇقى ئارقلىق ئاپتۇماتىك كومپيۇتېر ئۇچۇرۇشنى بەلگىلەش كۆزنىكى چىقىدۇ .مۇشۇ كۆزنەك ئارقىلىقمۇ بەلگىلەش ئېلىپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ .
نىڭ ھەربىر پارامىتىرلىرىنىڭ ئايرىم ئىشىلتىش ئورنى بار ،ھەر بىر پارامىتىرنى Shutdown.exe بىر بىردىن ئىجرا قىلىپ كۆرسىڭىز ئوخشىمىغان ئۈنۈملەرنى كۆرەلەيسىز.مەسلەن –s مەزكۈر كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈش ،-a ئۆچۈرۈشنى بىكار قىلىش …دىگەندەك.تۆۋەندىكى تېخىمۇ كۆپ پارامىتىرلارنى تورداشلار ئۆزلىرى سىناپ كۆرسە بولىدۇ .
shutdown.exe -a كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈش.
shutdown.exe –l ھازىرقى ئابونتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش.
shutdown.exe –r كومپيۇتېرنى قايتا قوزغۇتۇش.
shutdown.exe –t ۋاقىت بەلگىلەپ كومپيۇتېر قوزغۇتىش .
”ئۇچۇر مەزمۇنى shutdown.exe -c“ ( ئۇچۇر مەزمۇنى ئاپتۇماتىك ئۆچۇرۇش رامكىسى قوزغالغاندا كۆرۈندىغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ .)
بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ ياردەم ئۇچۇرلىرىنى ئېچىپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ . Shutdown /?
ئەسكەرتىش : كومپيۇتېرڭىزنىڭ Task Scheduler مۇلازىمىتى قوزغالمىغان بولسا 我的电脑—管理—服务دىن مەزكۇر مۇلارىمەتنى قوزغۇتۇپ ئاندىن“ net start ”Task Scheduler
بۇ بۇيرۇقنى كىرگۇزۇڭ .مۇلازىمەت قوزغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن يۇقىردا بىز دىگەن بۇيرۇقلار تامەمەن نۇرمال ئىشلەيدۇ .

تۇنجى كەلگىنىڭىز مىنىڭ تەلىيىم،ئىككىنجى قىتىم كەلمىگىنىڭىز مىنىڭ خاتالىقىم

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

Free Web Hosting