خاككىر بولۇشقا ماس كىلەمسىز ؟

ۋاقتى: 2011-05-11 / تۈرى: كومپيۇتېر بىخەتەرلىكى / كۆرۈلۈشى: / 2دانە باھا يوللانغان باھا

خەيكېر

نۇرغۇن تورداشلىرىمىز خاككىلىققا قىزىقىدۇ ..لىكىن قانداق ئۆگىنىشنى بىلمەيدۇ ..توۋەندىكى تىمام سىزگە ئازىراق نەپ يەتلۈزۈپ قويسا ئەجەپ ئەمەس ..
بۇ ماقالە يېڭى ئۆگەنگۈچلەرگە ماس كىلدۇ ..ماھىر خاككىرلىرمىزنىڭ بۇ ماقالنى كۆرشى بىھاجەت ..
ھەرگىزمۇ مىنى بۇنداق گەپلەرنى قىلىشقا سالاھيتى توشمايدۇ ..ياكى قۇرۇپ گەپلارنى قىلۋاتدۇ دەپ ئويللىماڭ …مىنىڭچە ئوزىنڭ بىر ئىشقا قۇدىرتى يەتكەن كىشىنىڭ قولدىن كىلىشچە باشقىلارغا ياردەم بىرشكە تامامەن سالاھيتى تۇشدۇ …
ئەمسە نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كىلەيلى ..
1.ئالدى بىلەن سىز بۇ ماقالنى بەك ئۇزۇن ھىس قىلسىڭىز ..ياكى ئاۋارچىلىق ..زىركىش ھىس قىلسىڭىز ..ھۇرۇنلۇق بىلەن كۆرسىڭىز …OK سزىنىڭ بۇ ماقالنىڭ ئاخىرنى كۆرشىڭىز بىھاجەت .. سىز ھەرگىزمۇ خاككىر بۇلۇشقا لايىق كەلمەيسىز …
خاككىرلىق مۇساپسى سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاسان يەرتكىلى بولدىغان مۇساپە ئەمەس …خاككىرلارنىڭ كۆرىشىكە تىگىشلىك ماتىريالىرى ئىنتايىن كۆپ ..ئۇلار چۇشىنىكە تىگىشلىك مەسىللەر تېخمۇ كۆپ ..ۋاقىتنى مەڭگۇ يەتكۇزۇپ بولغىلى بولمايدۇ ..ئەگەر سىز مۇشۇ قىسقىغىنە ماقالىنى كۆرۈش سىزگە شۇنچە تەس كەلگەن بولسا ..سىز راسلا خاككىر بولۇشقا ئۇ دۇنيا بۇدۇنيا ماس كەلمەيدىكەنسىز ..
مەن ئادەتتە سەھپسى ئۇزۇن ياخشىراق، پايدىلنىش قىممتى يۇقىرى ماقالىلارنى كۆرگەندە ئۇلارنى كۆچۇۇپ ساقلىۋالىمەن .(مەن بەك ھۇرۇنچۇ ،ئۇزۇنراق ماقالىلەرنى كۆسەملا بېشىم ئاغرىيدۇ ..شۇڭا پەقەت مۇشۇنداق قىلشىمغا توغرا كىلدۇ ..ئەگەر سىز بۇ ئىشلارنى ئاۋارچىلىق دەپ بىلسىڭىز ،ئۇنداقتا سىز مەڭگۇ خاككىر بۇلۇشنى ئويلىماڭ ..) ۋاقتى كەلگەندە بۇ ماقالىلەرنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىمەن ..

2.خاككىرلىقنى ئۆگىنىشىتكى مەخسىدىڭىز نىمە ..؟
qq ئوغۇرلاش؟ …qq پۇلى ئوغۇرلاش؟ ..باشقىلارنىڭ بانكا كارتىسىدىكى پۇلنى ئوغۇرلاش ..؟باشقىلارغا ئۆزىڭىزنى كۆز كۆز قىلىش ..؟ مەلۇم بىر تور بىكەت باشلىقنىڭ سىزنىڭ چىشىڭىزغا تىگىپ قويغانلىقى تۈپەيلى ئۇنىڭ تور بىىتنى بۇزۋېتىشمۇ ..؟ ياكى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى شۇ كىشىدىن ئۆچ ئېلىشمۇ …؟ مەن ھەمىمنى دەپ بولالمىغۇدەكمەن …
سىز يۇقىردا سۆزلەنگەن سەۋەپلەر تۇپەيلى خاككىرلىقنى ئۆگەنمەلچى بولسىڭىز ..سىز خاككىرلىققا ماس كەلمەيدىكەنسىز ..،ئەڭ ياخشىى بۇزغۇنچىلىقنى ئۆگىنىڭ .خاككىلاردا باشقىلارغا ياردەم بىرشنى خۇشاللىق دەپ بىلدىغان روھ بولشى كىرەك …بۇسۇپ كىرىش ..بۇزۇش دىگەنلەر پەقەت سەۋيەنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ئۈچۈنلا ، بۇ ھەرگىزمۇ بۇ تېخنىكىغا تايىنىپ ئۆچ ئېلىش ياكى مەنپەئەتكە ئېرشىش ئۈچۈن ئەمەس .ئەگەر سىز ئىلگىرى مۇشۇ مەخسەتتە خاككىلقنى ئۆگەنمەكچى بولغان بولسىڭىز ،ئشىنىمەنكى ،سىز بۇ توغرا بولمىغان ئۆگىنىش مەخسىدىن ۋاز كىچىپ ،پەقەت تېخنىكا ئۈچۈنلا خاككىلقنى ئۆگەنسىڭىز ، سىز چۇقۇم ياخشى خاككىر بۇلۇپ يىتشىپ چىقالايسىز …

3.قانداق قىلسام بىر ياخشى ئۇستاز تۇتۇپ خاككىرلىقنى ئۆگىنەلەيمەن ..؟
بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزى يازغان خاككىرلىق ماقالىلىرنىڭ ئاخىرىغا :مىنى ئۇستاز تۇتامسلەر ..؟ ئاخىردىكى ئىنكاسلارغا سىنىڭ qq نۇمىرىڭىز قانچە ..؟مىنىڭ qq نۇمىرىمنى قاچلۋېلىڭ **********،مىنىڭ سىزدىن سورايدىغىنىم بارتى ..؛ مەن خاككىرلىقنى ئۆگنەي دىگەن .. ماڭا ئۇستاز بولامسىز ،مەن چۇقۇم تىرشىپ ئۆگىنىمەن .. دىگەندەك نەرسىلەرنى قۇشۇپ قويدىكەن …مۇشۇنداق تىملارنى كۆرسەم تۈكۈرگۈم كېلىدۇ .. سىز ھەقىقى بىر خاككىرنى سىزنىڭ مۇشۇنداق گەپلىرىڭىزگە دىققەت قىلىدۇ ..سىزگە يارسەم قىلدۇ دەپ ئويلامسىز …؟ پەقەت سىزنى ئەخمەق چاغلاپ قالغان بىر قىسىم كىشلەرلا ئاندىن سىزنى qq رىغا قوشۋالىدۇ …ئاندىن سىزنىڭ راسلا ئەخمەق ياكى ئەمەسلىگىڭىزنى سىنىپ باقىدۇ ..ئەلۋەتتە بىر قىسىم ئاقكوڭۈل كىشىلەر سىزگە ياردەم بېرشى مۇمكىن .لىكىن ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشلەرلا شۇنداق قىلىدۇ .بۇنداق ئىشلار ۋاقىتنى بەك ئىسراپ قىلىدۇ ..سىز راستىنلا مۇشۇنداق باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ خاككىرلىقنى ئۆگىنىمەن دىسىڭىز ..سىزگە نەسھىيتىم بولسۇن ھەرگىز خاككىرلىقنى ئۆگنىشنى ئويلىماڭ ..ھەرگىز بۇنداق خام خىيالدىمۇ بولماڭ ..قىممەتلىك ۋاقتىنى سىز بۇنداق بىر ئۆمۈر ئۆگىنىپ بولالمايدىغان ئىشقا سەرەپ قىلىپ ،ۋاقتتنى بىھۇدە ئىسراپ قىلماڭ .
سىز بەيدۇ (百度) دىن ئىبارەت بۇ ياخشى مۇئەللىمىدىن قانداق پايدىلنىشنى بىلمەي تۇرۇپ يەنە نىمىڭىزگە خاككىرلىقنى ئۆگىنىمەن دەيسىز ..؟؟؟؟ نىملىگىنى بىلمىسىڭىز ،سىز پەقەت ھالقىلىق سۆزنى ئىزدەش رمكىسىغا كىرگۈزسىڭىزلا ناھايتى تىز ئۇنىڭ جاۋابىغا ئىرشەلەيسىز ..
(مەسلەن سىز خاككىر دىگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسنى بىلمىسىڭىز مۇشۇ سۆزنى ئىزدەش رامكىسىغا كىرگۈزسڭىز جاۋابنى بىلەلەيسىز .) باشقىلارنىڭ qq نۇمۇرنى قوشۋېلىپ ..مۇنبەرلەردە خەت قالدۇرۇپ ئۇنىڭ جاۋابنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشنىڭ نىمە ھاجىتى . بۇنداق بالىلارغا مىنىڭ دەيدىغىنىم ئەڭ ياخشىسى سىز بەيدۇ دىن ياخشى پايدىلنىشنى بىلىڭ ..سىز پەقەت ئەستايدىللىق بىلەن ئويلاپ باقسىڭىز سىز ھەقىقى بىر خاككىرنىڭ يەردىمىگە قايسى ۋاقىتتا ئەڭ ئىھتىياجلىق ئىكەنلىگىڭىزنى تۇنۇپ يىتەلەيسىز ..(سىز بىر ھىساپلاش سۇئالنى ھىسابلاپ كۆرۈپ ،ئەگەر قانداق ھىسابلاشنى بىلمىسىڭىز ،سىز ئاۋال +،_،*،/ دىگەنلەرنى ئەستايدىللىق بىلەن ئۆگىنىڭ ،مۇشۇنداق بولغاندا سىزنىڭ خاككىرلىقنى ئۆگنىشىڭىزگە ئازىراق ئىمكانىيەت تۇغۇلدۇ .)
4.ئۇچۇرلاغا قانداق ئېرىشىمەن ..؟
بولدى ..سىز 3-باسقۇچتا بەيدۇدىن قانداق پايدىلنىش كىرەكلىكنى ئۆگنىۋالدىڭىز..(كۆرمىگەن بولسىڭىز 3-باسقۇچقا قاراڭ ..كۆرۈش خوش ياقمىسا ئۇنداقتا …..بۇمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى .سىز خاككىلىقنى ئۆگىنەلمەيدىكەنسىز ..)
ئەمما بەيدۇدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلار ئىنتايىن چېچلاڭغۇ ..بەك قالايمىقان .سىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىرەكسىز ئۇچۇرلارنى چىقىرۋېتىپ ،سىزگە ئەڭ كىرەكلىك ئەڭ ئەسقاتىدىغان بىخەتەرلىك ئۇچۇرلارنى ئىگەلەشنى ئۆگىنۋېلشىڭىز كېرەك . مەسلەن سىز بىر خاككىرلىق دىتالنى ئىزدەپ تاپماقچى …كەپتەرنى مىسالغا ئالايلى : سىز پەقەت پەيدۇغا كەپتەر (灰鸽子) دەپ كىرگۇزسىڭىز ،سىزگە نۇرغۇن ئادىرسلارنى چىقىرىپ بېرىدۇ ..سىز شۇلارنىڭ بىرىگە كىرىپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ ..خاككىرلىق دىتاللىرنى ئادەتتە ۋىروسخۇرلا ئاسانلا ۋىروس دەپ تۇنۇپ ئۇنى ئولتۇرۇپ قويىدۇ ..( بىلمىسىڭىز ،بەيدۇدىن ئىزدەڭ …..)،بىر قىسىم كىشىلەر خاككىرلىق دىتالىرىغا ۋىروس باغلاپ قويىدۇ .. شۇڭا سىز دىتال چۈشۈرگەندە چۇقۇم بىر قەدەر ئىشەنچىلىك ،نۇپۇزلۇق بىكەتلەردىن چۇشۇرۇڭ ،ھەرگىزمۇ قالايمىقان چۇشۇرمەڭ .
يەنە كىلىپ بىر قىسىم تور بىكەتلەر ماقالىلەر نۇرغۇن قېتىم تەكرارلىنىپ كەتكەن ،ئادەمگە ئەھمىيەتسزدەك تۇيغۇ بېرىدۇ ..سىز شۇ ماقالەرنىڭ سىزگە ئەھمىيەتسىز تۇيۇلغان جايلىرنى تاشلۋېتىپ ،ئەڭ يادرولۇق مېغىزلىق جايلىرنى ئوقۇپ چۇشىنىشكە ئادەتلىنىڭ .
5.خاككىرلىقنى قانداق ئۆگەنىمەن ؟
ئەگەر سىز يۇقىردا دىيىلگەن ئەڭ ئەقەللي شەرتلەرنى قىلالمىسىڭىز ،سىز خاككىر بۇلۇشنى ئويلىماڭ ..
ئالدى بىلەن سىز سۇئال سوراشنى بىلشىڭىز كىرەك ..(قانداق سورايمەن ؟ 3-،4-باسقۇچلاغا قاراڭ ..جاۋابنى ئۆزىڭىز ئىزدەپ تېپىڭ ..ھالقىلىق سۆز نىمۇ ئۆزىڭىز تېپىڭ . )چۇقۇم باشقىلارنىڭ ماقالسنى كۆرۈپ چۈشىنەلشىڭىز كېرەك ..(بۇلارنىمۇ كۆرۈپ چۈشنەلمىسىڭىز ،ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك دەپ ،سىزگە ئارتۇق گەپنىڭ پايدىسى يوق ) بۇنداق بولغاندا سىز نۇرغۇنلىغان كىرەكسىز ئۇچۇرلاغا ئېرشىشتىن ساقلىنالايسىز (ئەخلەت ،ئەخلەتنى يارتىدۇ .) بۇنداقتا ھەم باشقىلارغىمۇ ،ئۆزىڭىزگىمۇ قولايلىق بولىدۇ ..
دەسلەپتە سىز ماتىريال توپلاشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك .ھەم سىزنىڭ بىر ئۆگىنىش نىشانىڭىز بولىشى كېرەك . مەسلەن ،سىز بىر دەسلەپكى ئۆگەنگۈچى ، سىز بۇ ماقالىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ،خاككىرلىق ئۆگىنش يولى دىگەنى ئىزدەپ باقسىزىڭىز بولىدۇ ..(بەيدۇدىن ھە !)
يۇقىردا سىزگە قانداق ئۆگنىش كىرەكلىكنى سۆزلەپ بىرىپ بولدۇم ..يەنە قىممەتلىك ماتىريال ياكى قىزىقارلىق ماتىرياللاغا ئىھتىياجلق بولسىزىڭىز كىيىنچە ئالدىرماي ئىزدەسىز ..
ئاخىرىدا سىز كوپىرەك ئەمىليەتكە قاتنىسشىڭىز كېرەك ..مەسلەن سىز بىر ماقالنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭدا سۆزلەنگەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش ئۇسۇلنى دىگەندەك ..مۇۋاپقىيەتلىك بولمىدى شۇنداقمۇ ؟ بۇنىڭدا نۇرغۇن مەسىللەر ئۇتۇقلۇق بولشىغا كاشلا قىلغان بولىشى مۇمكىن ..مەسلەن دەرسلىك ،يۇچۇق بەك كونا بۇلۇش ،سېستىما مەسىلسى ،تور مەسىلسى ،ئىشلەتكەن قورال مەسلسى ،ئادەم مەسلسى(چاقچاق )…….دىگەندەك . ئۇتۇقلۇق بولمىسا ھەرگىز جىددىلەشمەڭ .ياخشىراق بىر ئىزدىنىپ بېقىڭ ..مۇشۇ تىمىدا ئىشلەنگەن دەرسلەر بولسا ،ئوخشىمىغان ئادەملەر ئىشلىگەن دەرسلەرنى كۆرۈپ بېقىىڭ ..سورايدىغان مەسىلە بولسا ياخشىراق سوراڭ ..(ئىسىڭىزدە بولسۇن سوراش بىلىم دىمەكتۇر .) سىز پەقەت دەرسلىكتە سۆزلەنگەن پىكىر قىلىش يولىنى بىلۋالسىڭىز .ھەم بىر قىسىم قوراللارنى ئىشىلتىشنى بىلۋالالسىڭىز ..سىز ئالىقاچان ئۇنى ئۆگنىپ بولغان بولسىز ..
6.خاككىرلىق ئۆگنىش پوزىتسىيسى .
بۇ ئىنتايىن مۇھىم ،ئالدىدا سۆزلەنگەننىڭ ھەمىسىدە مۇشۇ تىما سۆزلىندۇ .
مەن ئەڭ مۇھىمى سەۋىرچانلىق دەپ قارايمەن.سەۋىرچانلىق !!! سىز سەۋىر قىلالامسىز يوق ..بەرداشلىق بىرەلەمسىز يوق ..بۇ خاككىرلىقنى ئۆگنىشتىكى ئەڭ مۇھىم پوزىتسىيە ..سىز بىر ماقالىنى ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى تۈپەيىلدىن كۆرۈپ بولالمىسىز ،سىز قانداقمۇ ئۇنڭدا سۆزلەنگەن تېخنىكلارنى ئۆگنىۋالالايسىز ..؟؟؟؟
مەن خاككىرلىقنى ئۆگەنگىلى 3 يىلچە بوپ قالدى .بىراق مەن ھازىرغىچە بىرەر ئولجا تۇتۇپ باقمىدىم ..(تۇتۇپ باققان لىكىن كونترول قىلىپ باقمىغان. )ئاددى ھالدا توربىلەت ئوۋچىسى (网站猎手)نى ئىشىلتىپ DVBBS نىڭ كۆڭۈلدىكى سانلىق ئىسكىلات ئامبىرىdvbbs7.mdb نى ئىزدەش .سانلىق ئىسكىلات ئامبىرى دىتالىردىن پايدىلنىپ باشقۇرغۇچى ئىسىمى ۋە md5 تە مەخپىلەشتۈرۈلگەن باشقۇرغۇچى پارولنى تېپىش ،ئاندىن md5 توردىن پايدىلىنپ ئاددى ھالدىكى مەخپى نۇمۇرلارنى يىشىش .ئاخىردا asp ياغاچ ئېتنى چىقرىپ مۇۋاپقىيەتلىك ھالد تور بەتwebshellغا ئېرشىش دىگەندەكلەرنى قىلغان(ھەي ..نىملەرنى دەپ كەتتىم يېڭى ئۆگەنگۈچلەر
网站猎手،DVBBS،dvbbs7.mdb ،md5،webshell , دىگەنلەرنى قانداقمۇ بىلسۇن ..قانداق قىلىش كېرەك ..يەنىلە شۇ بەيدۇدىن ئىزدەيدىغان گەپ ..)
بىر قىسىم بالىلار بىر بىر كۇندە ئۇلجا تۇتۇشنى . بىر كۇندە ۋىروس ئېسىشنى ،بىر كۇندە كونتىرول قىلش ،بىر كۇندە بۆسۈپ كىرىش دىگەندەكلەرنى ئۆگنىشنى ئويلايدۇ…لىكىن مەن ھەرگىز بۇنىڭغا ئالدىرمايمەن ..مىنىڭ ئۆزەمىنڭ بىر پىلانىم بار ..ئالدى بىلەن مەن پىروگىرامما تۇزۇشنى ئۆگىنىمەن ..ئاندىن كېيىن باشقا نەرسىلەرنى ..كەچتە پىروگىرامما تۇزۇشنى ئوگىنىپ ھارغىنىمدا بوسۇپ كىرىش دىگەندەكلەرنىڭ دەرسىنى كۆرىمەن …مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلى باشقا ۋاقىتلاردا بىر قىسىم سېستىما ئائىت نەرسىلەرنى كۆرىمەن ..يەنە بەزى ۋاقىتلاردا قاتتىق دىتال قىسىمىغا ئائىت نەرسىلەرنى كۆرىمەن ..بۇنداق بولغاندا گەرچە ئۆگىنىش باشقىلارغا قارىغاندا ئاستا ،ئۆگىنىدىغان نەرسە مۇرەككەپ ، ئۆگىنىش بەك جاپالىق بولغىنى بىلەن (بەزى پىروگىرامىلارنى كۆرۇپ چۇشىنەلمىگىنىمدە شۇ يەردە ئۈن قويۇپ يىغلۇغۇن كېلىدۇ .) لىكىن مىنىڭ قىزىقىشىم ھامان مىنى يولەيدۇ …مىنى ئالغا ئىنتىلىشكە چاقىرىدۇ ..مەن ئۆزەمنىڭ ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن ناچارلىقىمغا ئىشەنمەيمەن ..پەقەت تىرىشىپ ئۆگەنسەملا باشقىلاردىن چۇقۇم ئېشىپ چۈشەلەيمەن …
ياشلار مەغلۇپ بولمايدۇ ..پەقەت تىرىشسىلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق …
ئەسلى ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغۇچى :Alpha

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ،مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. توغراق
    2011/05/12 09:06:45

    رەھمەت سىزگە ،مەن خاككىرلىققا بەك قىزىقىمەن ،ئەمما قانداق ئۆگىنىشنى بىلەلمىدىم،ئۇنىڭ ئۇستىگە خەنزۇچە سەۋيەممۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ،يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز!!

    • Alpha
      2011/05/13 16:11:46

      ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ئۆزىڭىزنى ئۇپراتماڭ … راستىنلا بەك ئۆگەنگىڭىز بولسا ،بىر ئېغىز سۆز پۇتۇن دىقىتىڭىز بىلەن ئۆگىنىڭ …

تۇنجى كەلگىنىڭىز مىنىڭ تەلىيىم،ئىككىنجى قىتىم كەلمىگىنىڭىز مىنىڭ خاتالىقىم

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

Free Web Hosting