ياش ۋە تالانتلىق دوكتور ھەسەن ئۆمەرنىڭ تەرجىمھالى

ۋاقتى: 2011-05-13 / تۈرى: ئۇيغۇر كومپيۇتېرى / كۆرۈلۈشى: / 4دانە باھا يوللانغان باھا

ياش ۋە تالانتلىق دوكتور ھەسەن ئۆمەر ئۇيغۇر، ئەر ، 1981 ـ يىلى 1 ـ ئايدا ئاقسۇ شەھىرىنىڭ كۇچا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بۇلۇپ ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىسىتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە قۇرلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى ۋە كومپيوتېر كەسپىنىڭ دوكتورى ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى كۆپ خىل تىل ـ يېزىق ئۇچۇر تېخنىكا نوقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭگۇ كومپيوتېر جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.

ھەسەنجان مۇئەلىلم ، تۈرگۈن مۇئەللىم

(
ئوڭ تەرەپتىكى تۈرگۈن مۇئەللىم ،سول تەرەپتىكى ھەسەنجان مۇئەللىم شۇ ..)

دوكتور ھەسەن ئۆمەر 2000 ـ يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا قۇبۇل قىلىنىپ ،2005 ـ يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە قۇرلۇش ئىنىستىتۇتى كومپيوتېر پەن ـ تېخنىكا كەسپىنى پۈتتۈرۈپ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان .2007 ـ يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە قۇرلۇش ئىنىستىتۇتى كومپيوتېر ئەمەلىي قوللىنىش تېخنىكا كەسپىدە ئىجتىھات بىلەن ئوقۇپ ئاسپرانىتلىقنى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن تاماملاپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان . شۇنداقلا شۇ يىلى 7 ـ ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە قۇرلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ،ئىلگىرى ـ كىيىن بۇلۇپ كومپيوتېر ئاساسلىرى ، پروگرامما لاھىيلەش ۋە كۆپ خىل يېزىق ئۇچۇر ـ تېخنىكىسى قاتارلىق دەرىسلىكلەرنى ئۆتكەن . يەنە 2007 ـ يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى كومپيوتېر كەسپى دوكتورلىقىغا قۇبۇل قىلىنىپ،كومپيوتېر ئەمەلىي قوللىنىش تېخنىكا كەسپى ۋە ئەقلىي ئىقتىدار ئەمەلىي قوللىنىش يۆلىنىشىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇپ، 2010 ـ يىلى شەرەپ بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان .ئۇ تەبىئىي تىلنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى،كۆپ خىل يېزىق ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى ۋە يۇمشاق دىتال قۇرۇلۇشىنى نوقتىلىق تەتقىقات نىشانى قىلغان بۇلۇپ ، ئاساسلىقى ئۇيغۇرتىلى گىرامماتىكىسىنى تەھلىل قىلىپ تەتقىق قىلىش خىزمىتى ۋە ماشىنا تەرجىمە ساھەسىدىكى تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە شۇغۇللىنىۋاتىدۇ .

ئۇ 2005 – يىلدىن باشلاپ كۆپ خىل يېزىق ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن سىرت يەنە ئىلگىرى ـ كىيىن بۇلۇپ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى سىنتاكىسلىق ئانالىزىنىڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەتققىقاتى“ ،” كۆپ مەنبەلىك خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە سۆزلۈك توغرىلاش تېخنىكا تەتقىقاتى “ ۋە ” ئارلاشما سىتراتىگىيلىك ئۇيغۇرتىلى سۆز يىلتىزىنى ئايرىپ ئېلىش ئۇسۇلىنىڭ تەتقىقاتى “ قاتارلىق تۈرلەرگە باشچىلىق قىلغان .يەنە ” ئۇيغۇچە ـ قازاقچە ـ قىرغىزچە تىللاردىكى ماتىرىياللارنىڭ سۇپا قۇرلۇش تەتقىقاتى “،” شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇتىلى ئۆگەنگەندە تەلەپپۇز خاتالىقىنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ تەتقىقاتى“ ۋە ” ئۇيغۇرتىلى رامكىسىدىكى سۆز مەنىسى ئامبىرىنىڭ قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقاتى“ قاتارلىق بەش تۈرگە ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە قاتناشقان.

ئۇ باشچىلىق قىلغان ۋە قاتناشقان تەتقىقات تۈرلىرى ئىچىدە ” كۆپ خىل تىل _كۆپ ۋاستىلىق ئىلىكتىرونلۇق لوغەت تۈزۈش سىسىتىمىسى “ ۋە ” ئىنگىلىزچە _ خەنزۇچە_ ئۇيغۇرچە كۆپ ۋاستىلىق ئىلىكتىرونلۇق لۇغەت “ قاتارلىق تۈرلىرى پاتنىت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن . شۇنداقلا ” كۆپ خىل تىل _كۆپ ۋاستىلىق ئىلىكتىرونلۇق لۇغەت تۈزۈش سىسىتىمىسى ۋە بىلقۇت ئىنگىلىزچە_خەنزۇچە_ئۇيغۇرچە كۆپ ۋاستىلىق ئىلىكتىرونلۇق لۇغەت ”تەتقىقاتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئىلىم-پەن تېخنىكا نازارىتى تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىق مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.

دوكتور ھەسەن ئۆمەر يۇقارقى تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە ” ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى لېكسىكىلىق ئانالىز قىلىش يۇمشاق دېتالى “ ، ” ئىنگىلىزچە_خەنزۇچە_ئۇيغۇرچە كۆپ ۋاستىلىق ئىلىكتىرونلۇق لۇغەت “ ، ” ئىنگىلىزچە ـ ئۇيغۇرچە كىشى ئىسىملىرىنىڭ ماشىنا تەرجىمە ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش “ ، ” ئۇيغۇرتىلىدىكى ئىسىملارنىڭ سۆز يىلتىزىنى ئايرىپ ئېلىش ئۇسۇلى “ ، ” ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدىكى تىل ماتىرىياللىرىنى ئۇنۋېرسال بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالى “ ……قاتارلىق 15پارچە تەتقىقات خارەكتىرلىك ماقالىسى ئېلان قىلىنغان .

يۇقىرىقىلاردىن باشقا ياش ۋە ئىقتىدارلىق دوكتور ھەسەن ئۆمەرنىڭ ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى نۇرغۇن ،بىز بۇ يەردە پەقەت بىر قىسمىنىلا تونۇشتۇردۇق . دوكتور ھەسەن ئۆمەر ئىسلاھات رىقابەت دەۋرىنىڭ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئەقلىي قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتىمىزنىڭ ۋە مىللىتىمىزنىڭ شان – شۆھرىتىنى ئاشۇرۇپ، كەڭ سەپ بويىچە ئىجادىي روھ ۋە جاسارەت ئۇرغۇتىشتتا زور رول ئوينىماقتا. ئۇ ئاز سانلىق مىللەت تەبىئىي پەن خادىملىرىنىڭ دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى .بىز بۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ ،تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ،ئىلىم ـ پەن ساھەسىدە چاقنىغان بىر يۇلتۇز بۇلۇشىغا تىلەكداشمىز.

بۇ ماقالە ئىلىم – پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىېاتقان ھازىرقى جەمىيەتتىكى ئىلىم- پەن ۋە ئىگىلىك تىكلەش ساھەسىدە تەرەققىي قىلماقچى بولغان ياكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ياشلىرىمىزغا ، ئالەمشۇمۇل غايىلەرنى كۆزلەپ قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئەزىمەتلىرىمىزگە ئازراق روھى ئوزۇق بولۇپ قالغۇسى.

يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى : ئىنال تور بىكتى

4نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ،مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ~ بۇ بلوگنى كۆرۈپ شۇنداق تەسىرلەندىم . چۈنكى مەنمۇ مۇشۇ كومپيوتېر ئىلمىنىڭ ئوتى تۈپەيلى ھازىرغىچە مۇشۇ كەسىپ بويىچە تىرىشىپ كىتىۋاتىمەن. ھازىرچە مەن ئومومغا سۇنغۇدەك ئالاھىدە ئەسىرىممۇ يوق. لىكىن ھاياتلا بولىدىكەنمەن مۇشۇ يول ئۈچۈن داۋاملىق ئۆزۈمنىڭ ۋاقتىنى ، ئۆمرىنى سەرپ قىلىمەن. مۇشۇ دوكتۇر ئاكىمىز بىلەن تونۇشۇپ يۇمشاق دىتال تەرەققىياتى توغرىلىق پىكىر ئالماشتۇرغۇدەك پۇرسەتلەرنىڭ چىقىشىنى چىن دىلىمدىن كۈتىمەن. مەن ئالدىنقى قىتىم بىر ماتىيالنى كۆرگەندە قارىسام بىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىنمۇ خېلى كۆپ كىشلەر چەتئەلنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇشۇ كومپيوتېر ئېلمىدا ئىشلەۋىتىپتۇ . تېخى نۇرغۇنلىرى دوكتۇر ، بەزىلىرى تور قۇرۇلۇش ئېنژىنىرى يەنە بەزىلىرى بولسا يۇمشاق دىتال ئېنژىنىرى ……………دىگەندەك . مەن شۇنداقلا مۇشۇ ساھەنى قوللايدىغان قىزىقىدىغان بارلىق ئوت يۈرەكلىرىمىز شۇ كىشلەرنىڭ تونۇشتۇرىلىشى ۋە تەرجىمالى ، مۇشۇ يول ئۈچۈن باسقان يوللىرى ، شۇلار كۈچ چىقىرىۋاتقان ئەڭ يېڭى تېخنىكلارغا ھەممىدىن بەك قىزىقىدىغۇ دەيمەن.

    • Alpha
      2011/05/13 14:47:34

      ياقتۇرغان بولسڭىز يەنە كىلىپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمىغايسىز .. مەنمۇ ھەم ،سىزمۇ ھەم ،ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن ئادەملەر مۇشۇ ساھەگە قىزىقىمىز ،ئەمما شۇ ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانىمىز يوق ،بىر ئىزدىلا توختاپ قېلۋاتىمىز .. خۇدا خالىسا ھەممە ئىشلىرىمىز يۇرشىپ كېتەر ..ئىشەك ئىشەكتىن قالسا قۇلغىنى كەس دەپ بىزنىڭ باشقا خەقتىن كەم ھىچنەرىمىز يوق ،تىرىشساقلا ،ئىزدەنسەك قىلغان ئەمگىكىمىزنىڭ مىۋىسىنى كۆرمەي قالمايمىز .. مەشھۇر كىشلەر توغۇرسىدا يازمىلار ئۈزۈلمەي يوللىنىپ تۇرىدۇ ..دىققەت قىپ تۇراسىز !

  2. ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا سىزنىڭ توردىكى ئالاقە قىلىدىغان چ چ دىگەندەك نەرىلەرنى ماڭا قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز . ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقساق دىمەكچى ~~~ رەخمەت سىزگە ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويدۇم ~~

    • Alpha
      2011/05/14 15:29:09

      ئەڭ ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇش سورىنى يەنىلا مۇشۇ تور خاتىرەممىكىن دەيمەن .. ئۆز ئانا تىلىمىزدا ئەركىن پاراڭلىشالايمىز .. چ چ نى كۆپ ئىشىلتىپ كەتمەيمەن ،شۇنداقتىمۇ قالدۇرۇپ قوياي..360130751

تۇنجى كەلگىنىڭىز مىنىڭ تەلىيىم،ئىككىنجى قىتىم كەلمىگىنىڭىز مىنىڭ خاتالىقىم

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

Free Web Hosting